باغداش تورى

بايبول ھەققىدە

 
 
بىز رىقابەتلىك دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. رىقابەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى شاللىشى، چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يەپ كىتىشى بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. مانا بۇ رەھىمسىز رېئاللىق.بۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىلەن شەخس سۈپىتىدە، كوللىكتىپ شەكىلدە ئومومىي خەلق مىقياسىدا رېئالىققا يۈزلىنىپ رىقابەتكە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك. تارىختا ئۆتكەن غالىپلارنىڭ مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: ئۇلار تەۋەككۈلچى، تەلۋە ئەمەس؛ ئاقىل، نادان ئەمەس؛ تىرىشچان، ھورۇن ئەمەس؛ كەسكىن، لايغەزەل ئەمەس. قىسقىسى بىلىم ۋە ئىقتىساد ئۇلارنىڭ مۆجىزە يارىتىشىدىكى ئىككى قانىتى.
 
بىز---بىر تۈركۈم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، تاشقى سودا، پاي چېكى جەھەتتە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن ۋە تەجرىبىگە ئېرىشكەن كەسپ ئىگىلىرى، ئۇزۇن مەزگىللىك مەسلىھەت، مۇزاكىرە، تەييارلىق كۆرۈش، قىسقىسى تەر تۆكۈش ئارقىلىق ‹‹بايبول بايلىق ۋە سودا باشقۇرۇش چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى›› نى قۇرۇپ چىقتۇق.
 
بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، زامانىۋىي ئىگىلىك تىكلەش روھى—بىر خەلقنى زامانىۋىي ئىگىلىك قاينىمىغا ئوڭۇشلۇق باشلاپ كىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەت، دۆلەت ۋە رايونلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادنى تۈۋرۈك، مائارىپنى مەشئەل، تىرىشچانلىقنى مەجبۇرىيەت، تەرەققىياتنى توغرا يول دەپ بىلگەن خەلق رىقابەتتە شاللىنىپ كەتمەيدۇ.
 
شىركىتىمىز خەلقىمىزنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە، سودا ساھەلىرىگە قىزىقىشىنى قوزغاشنى، ھەم بۇ ساھەلەردە ئىختىساس ئىگىلىرىمىزنىڭ ۋە زامانىۋىي ئاڭغا ئىگە، دۇنيا بازىرىغا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم قابىل كارخانىچىلار قوشۇنىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە كۈچ چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى دەپ بىلىدۇ.
 
بايبول بايلىق باشقۇرۇش چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى مەبلەغ سېلىش،پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد، سودا، ئۆي-مۈلۈك، مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەت خارەكتىرىدىكى شىركەت بولۇپ باش ئورنى ئاۋىستىرالىيەدە.
 
 
 
سودا ستراتىگىيىسى ۋە سىياسىتى
 
*شىركىتىمىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تىجارەت ئېلىپ بارىدۇ.
 
*شېركىتىمىز مەبلەغ سالغۇچى ۋە خېرىدارلارغا پايدا يەتكۈزۈش، پايدا ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ بايلىغىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە كۆپەيتىشنى ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىدۇ.
 
*مەبلەغ سالغۇچى ۋە خېرىدارلارنىڭ كىملىگى، مال-مۈلكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى خەلقئارالىق شېركەت قانۇن سېستىمىسى بويىچە بىخەتەر ساقلىنىدۇ ياكى قوغدىلىدۇ.
 
*بارلىق چوڭ-كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلار شىركەتنىڭ پايچىكلار سىياسىتىدىن ئوخشاش بەھرىمان بۇلىدۇ.
 
 
 
بىزدىكى ئۈستۈنلۈك
 
*مەبلەغ سېلىشتا تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنى ئاساس قىلىش
 
تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇنىڭ ئۈچۈن شېركىتىمىز ئىقتىدارلىق ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بايبول ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يىتىدۇ.
 
*ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئۈنۈملۈك مەقسەتكە يېتىش، مەسئۇلىيەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.
 
 
 
كەسپىي خادىملىرىمىز
 
*قەيسەر ھاجى(ئاۋىستىرالىيە). ph.D. شېركەت قۇرغۇچىسى، شېركەت دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل لىدىرى. تەبىئىي پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىقتىساد گىزىتىدە 10 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، گىزىتنىڭ ئىقتىساد ۋە پاي چېكى توغرىسىدىكى سەھىپىسىدە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يېزىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇشتىرىلارنىڭ ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىقتىساد گىزىتىدىكى خىزمەتكە قەدەم قويۇش بىلەنلا پاي چېكى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ھەمدە پاي چېكى تۈزىمىدىكى زامانىۋىي كارخانا قۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ خەلقئارالىق بازار مىخانىزمىغا ماس كىلىدىغان ئۇيغۇر ئىگىلىك سېستىمىسى بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە زۆرۈرلىگى توغرىسىدا ئىزدەنگەن. ئۇ 1992-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئېچىلغان ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى سودىسىغا كىرىشكەن ساناقلىق ئۇيغۇرنىڭ بىرى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشنى ۋە پاي چېكى بازىرىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ كۈندۈلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى دەپ بىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدا 20 يىلدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى بار.
 
 
 
قەيسەر مىجىت(ئامىرىكا). ph.D candidate. شىركەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، شىركەتنىڭ تاكتىكىلىق ۋە ستراتىگىيىلىك تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل لىدىرى. ئامىرىكا شەرقى شىمال ئۇنىۋېرسىتىدىن خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە خەلقئارا سودا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدىن خەلقئارا ساغلاملىق ئىقتىسادى بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالغان. خارۋارد سېستىمىسىدا مەبلەغ باشقۇرغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئالدىراشچىلىقىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بوستون رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ستاستىكا پەنلىرىدىن دەرس ئۆتىدۇ. سەمىمىلىكنى ئۇلۇغلايدۇ، ھورۇنلىقتىن يىرگىنىدۇ، خۇشخۇي ۋە ئۈمىدۋار ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. نۆۋەتتە ئىقتىساد كەسپىنىڭ دوكتۇرلۇق تونىنى كىيىش ئۈچۈن ئاخىرقى مۇساپىلەرنى باسماقتا. ئۇ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگىگە ئائىت ماقالىلەرنى يېزىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كەلمەكتە.
 
 
 
تىجارەت ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرى
 
مەبلەغ سېلىش
 
*پاي چېكى
 
*تاۋار مال(مىتال، ئېنىرگىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى)
 
*چەتئەل پۇلى
 
*ئۆي-مۈلۈك
 
*چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش(ئاۋىستىرالىيە، ئامىرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، كانادا)
 
 
 
سودا ۋە مەسلىھەتچىلىك تۈرلىرى
 
*سودا قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش(قارار، پىلان، رىقابەت ۋە مەبلەغ ھەل قىلىش)
 
*خەلقئارالىق سودا
 
*ئائىلىۋىي سودا\كىچىك سودا
 
*سودا ئۇچۇرلىرى ۋە سودا پۇرسىتى(بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، خېرىدار چاقىرىش)
 
*سودا ھوقوقىنى ۋاكالىتەن ئېلىش ۋە سېتىش
 
*زەنجىرسىمان سودا
 
*ھەمكارلىق
 
 
 
مائارىپ مۇلازىمىتى
 
*ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، كارخانا ۋە سودا بىلىملىرى بويىچە شەخسلەر ۋە كارخانا ئەھلىنى تەربىيىلەش
 
*پاي چېكى، تاشقى پېرۋوت(چەتئەل پۇلى)، تاۋار مال، ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىش جەھەتتە بىلىم ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
*چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش
 
 
 
ئۇنىڭدىن باشقا شېركىتىمىز يەنە تۆۋەندىكىدەك ھەقلىق ۋە ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ:
 
*شېركىتىمىز بايبول ئىقتىساد ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق كۈندۈلۈك ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي خەۋەر، ئۇچۇر، ئانالىز ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تورداشلارغا ۋاقتىدا ھەقسىز يەتكۈزىدۇ.
 
*شېركىتىمىز ھەپتىلىك ئانالىز سەھىپىسى ئارقىلىق ئىقتىسادشۇناسلىرىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئانالىز ۋە ئوبزور ماقالىلىرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىدۇ.
 
*شىركىتىمىز ھەقلىق ئەزا بولغان خېرىدارلارنى مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل تېپىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇر، ستراتىگىيە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى، پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى، پېيى بازارغا سېلىنغان داڭلىق شېركەتلەر، ئەڭ ئىستىقبالى بار ساھەلەردىكى شېركەتلەرنىڭ پاي چەكلىرى ۋە پۇل تېپىش پۇرسىتى يېتىلگەن شېركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
*رايون، دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بايبول ئىقتىساد ئۇچۇر سۇپىسىغا ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق مەھسۇلات ئېلانى قوبۇل قىلىنىدۇ.
 
*كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت، تەتقىقات نەتىجىسى، خىزمەت تەجرىبىسى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى، ئۆزگىچە پىلان ۋە پىكىر خىياللىرىنىڭ رېئالىققا ئايلىنىشى، تاۋارلىشىشى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك مەبلەغ ھەل قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ.
 
*شېركىتىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيلەش كۇرسى ئېچىش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ۋە سودا يەرمەنكىسى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
 
 
 
 
 
مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى
 
ئۇچۇر ئالاقە تورلىشىپ دۇنيا كىچىكلەپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەت كەسكىن دەۋردە، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىش—شاللاشقا مەجبۇر ۋە تاللاشقا ئېھتىياجلىق. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھامان دەۋرنىڭ تەلىپىگە يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، دەۋر مەبلەغ سالغۇچىلاردىن، توغرىسى باي بولغۇچىلاردىن يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
 
شېركىتىمىز بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ تېجارىتىڭىزگە ياكى شېركىتىڭىزگە دىئاگنوز قويۇش، تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەش، باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچىنى زورايتىش، ھەمدە مەھسۇلاتىڭىزغا بازار ئېچىش جەھەتتە سىزنى زامانغا خاس بولغان مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
شېركىتىمىز يەنە قولىدا مەبلىغى بار ئەمما قانداق قىلىپ كۆپەيتىشنى بىلەلمەيۋاتقان كىشىلەرگە زامانىۋىي سودا، پۇل-مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا قۇرۇش بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ. قىسقا ۋاقىتتا پۇل تېپىشنى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەسسىلەپ پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارغا پاي چېكى، تاۋار مال،مىتال، چەتئەل پۇلىنى قانداق ۋاقىتتا قانداق باھادا سېتىۋېلىش-سېتىۋېتىشنىڭ يوللىرى ۋە تېخنىكىلىق بىلىملىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق، توغرا ھەم ئۈنۈملۈك مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.شېركىتىمىز ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىققۇچىلارنى كەسپىي خادىملىرىمىز تەييارلىغان ئىقتىسادىي مۇلاھىزە ماقالىلىرى ۋە بازار ئۇچۇرلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئۇچۇر مۇكەممەل بولغان شارائىت ئاستىدا چىقىرىلغان تىجارەت قارارى ئاساسەن زىيانغا ماڭمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى بىلىمنى ئىگەللەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، لىكىن ئۇ مۈشكۈلمۇ ئەمەس، ئۇ سىزدىن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت، ئانالىز ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەم شۇ ئاساستا ئىنتايىن توغرا، كەسكىن قارار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شېركىتىمىز سىز ئۈچۈن مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ مۇھەپپەقىيەت قازىنىش مۇساپىڭىزنى قىسقارتىش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدۇ.
 
شېركىتىمىز يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يەنى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشى، كەسپ تاللىشى ۋە خىزمەت ئىزدىشى قاتارلىق جەھەتتە ھەقسىز ۋە ھەقلىق مەسلىھەت بېرىدۇ ھەم مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 

باغداش ئېلىكتىرون پەن -تېخنىكا شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت.

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 ، 0991-5155117

باغداش ئېلىكتىرون پەن -تېخنىكا شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت.